ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەھمەدى نىجاد : غەرب دۆلەتلىرى يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ‹‹ ئوغرىلىۋالدى ››

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    گەپ -سۆزىنىڭ ناھايىتى كەسكىنلىكى بىلەن نام چىقارغان ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد يېقىندا يەنە بىر قېتىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۆزدىن بىرنى قىلغان بولۇپ ، ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئىرانغا تەۋە بولغان يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ‹‹ ئوغرىلىۋالغان ›› لىقىنى ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئىراندا قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان .

    ئەھمەدى نىجاد مۇنداق دېگەن : غەرب دۆلەتلىرى ئاللىقاچان پىلان تۈزۈپ بولدى ، ئۇلار ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ ، ئىشەنچىلىك بولغان ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ماتېرىيالىدىن قارىغاندا ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يامغۇرنى ياۋروپادا ياغدۇرۇۋېلىۋاتىدۇ ...

    ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىراندا داۋاملىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن ، بىراق ئەھمەدى نىجاد ‹‹ غەربنىڭ يامغۇر ئوغرىلاش نەزەرىيىسى ›› ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئىراقتا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىشقا باشلىغان .   

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!