لادېننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئامېرىكا–پاكىستان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئومابا مۇنداق دېدى: گەرچە لادېننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پاكىستاندىكى ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ۋە تالىبانلارغا قارىتا داۋاملىق مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا زەربە بېرىشىگە قاراپ تۇرمايدۇ .
ئوباما، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ، دېدى .
ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قارىتا، ئوباما تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ توقۇنۇش ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئىتراپ قىلدى . ئۇ، تالىبانلار ‹‹بازا ›› تەشكىلاتى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ، ئافغانىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ، دېدى.
ئوباما مۇنۇلارنى كۆرسەتتى ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ ، سىياسەت جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئاساسىي قانۇننى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ.
ئوباما 22–ماي كەچ ياۋروپادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقتى . ئۇ بۇ قېتىم ئېرلاندىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ ، ياۋروپا ئەللىرىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، شىمالىي ئافرىقىدىكى نارازلىق دولقۇنى ، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن .