ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسمى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : پاكىستان خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ 23–ماي دېيىشىچە ، پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پورت شەھىرى كاراچىدىكى دېڭىز ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ بىر بازىسى 22-ماي كېچىدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەم قازا قىلغان ، ۋەقەدە ‹‹ئوۋچى›› P-3C تىپلىق دېڭىز چارلىغۇچى ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئايروپىلانلار پارتلىتىۋېتىلگەن.

    يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، قوللىرىغا  قول بومبىسى ، رېئاكتىپ بومبا ، ئاپتوماتىك مىلتىق ئېلىۋالغان 10 دىن 15 كىچە بولغان قوراللىق ئۇنسۇر شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 10 يېرىمدا بازىغا ھۇجۇم قوزغىغان ۋە بازا ئىچىدە توققۇز قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن ، ئۈچ ئايروپىلان ئىسكىلاتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان .

    يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسىس قازا قىلغان ، بىراق ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى پارتلاش يۈز بەرگەندە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسمى بازىسىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان .

    بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ سەككىز قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ئىككى ئادەم قېچىپ كېتىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن بولۇپ ، تىنچلىق قىسىملىرى ئىككى سائەت كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلغان .

    نۆۋەتتە ، تېخى ھىچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان ، پاكىستان تىنچلىق قىسمىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە ، بۇ تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بېن لادىن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ، پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ، ئاپرېلدا ، دېڭىز ئارمىيەسى ئاپتوبۇسى كاراچىدا ئىككى قېتىم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!