شىنخۇا تورى كابۇل 23 -ماي تېلېگراممىسى : ئاففانىستاندىكى بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئاخبارات ئەمەلدارى 23 -ماي مۇخبىرلارغا ئاففانىستان ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ توغرا ۋە ھەقىقىي بولغان خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ، تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان .
ئىگىلىنىشىچە ، ئۆمەر پاكىستاننىڭ غەربىدىكى كۈيدەدىن ۋەزىرىستانغا قاراپ ماڭغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
ئاففانىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 23 -ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاففانىستان ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ، بىراق قاچان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئاففانىستاننىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن : ئۇلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى ، ھەمدە شۇ يەر ۋاقتى 23 -ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى .
تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ تەرجىمھالى
ئاففانىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبىرى موللا . مۇھەممەد . ئۆمەر 1964 -يىلى ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ھەمدە بىر نەچچە ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان . 1979 -يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئاففانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كەلگەن . 1979 -يىلدىن 1989 -يىلغىچە ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن . ئۆمەر جەڭ جەريانىدا تۆت قېتىم يارىلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان . سوۋىت ئىتتىپاقى چېكىنگەندىن كېيىن ، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بىر دىنىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن .
ئۆمەر 1994 -يىلى ئاۋغۇستتا ، ئاففانىستاننىڭ مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئىسلام دىنى مەكتىپىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى ئاففانىستان قوراللىق مەزھىپى تالىبان دەپ ئاتىغان . تالىباننىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى ‹‹ دىنىي ئوقۇغۇچىلار ›› دۇر . ئۆمەرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ ئاففانىستاندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك مەزھەپ بولۇپ قالغان ھەمدە ئەسكەر كۈچى 50 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان . 1996 -يىلى مارتتا ، ئۇ ئۆزىنى ‹‹ ئەمىر ›› دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن . بۇ مۇخلىسلارنىڭ رەھبىرى دېگەن مەنىدە . شۇ يىلى ئاپرېلدا ئۇ يەنە داغدۇغىلىق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن . 1996 -يىلى سېنتەبىردە ، تالىبانلار ئاففانىستان پايتەختى كابۇلغا ھۇجۇم قىلغان ، ئۆمەر ئالتە كىشلىك كومىتېتتىن بىرنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دەپ قۇرغان . 2001 -يىلى 11 -سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ئاففانىستان تەۋەسىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ، تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغان . بىراق ئۆمەر ۋە تالىباننىڭ قالدۇق كۈچلىرى تاغلىق رايونلاردا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان . 2005 -يىلى مايدا ، ئاففانىستان ھۆكۈمىتى قورال تاشلىغان تالىبانلارنى جازادىن خالاس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بىراق ئۆمەر بۇ ئالاھىدە كەچۈرۈمنى رەت قىلىپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .