ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرايلى ›› تېمىسىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوكلات يىغىنى 20 - ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى يىغىن زالىدا ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۈزەتكۈچىسى ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ داچۈن ھەمدە ھەر قايسى مەكتەپلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرايلى ›› تېمىسىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوكلات يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ ، دوكلات بېرىش يىغىنىدا ، شىنجاڭ پىڭدۇ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى داڭ جېن ، سانجى بەي ئاڭ دالا بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى لى جى قاتارلىق ئالتە نەپەر ئۈلگىلىك شەخس ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ ماشىنىسازلىق تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ، ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ۋە تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ، ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرىش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا مەدەت بەردى .
ئىگىلىنىشىچە ، شىمالى شىنجاڭ دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر ئايرىم–ئايرىم ھالدا غۇلجا ، كۈيتۈن ، شىخەنزە ، سانجى قاتارلىق يەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا دوكلات بېرىدىكەن ۋە ئىستۇدېنتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن .