ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن پىرىزدېنتى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى 3-قېتىم رەت قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-ماي خەۋىرى: يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ 22-ماي دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرزىسىنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. 22-ماي، سالىھ ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلىنى پىرىزدېنت مەھكىمى
  
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-ماي خەۋىرى: يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ 22-ماي دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرزىسىنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان.
22-ماي، سالىھ ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلىنى پىرىزدېنت مەھكىمىسىگە كېلىپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئۆكتىچى پارتىيەلەر 21-ماي كەچ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغانلىقىنى سەۋەب قىلى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. يەمەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىنىڭ ۋەكىلىمۇ بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويغان، پىرىزدېنت سالىھمۇ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئەمما ئۇ ئاخىرىدا دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى زايانى (Abdullatif al-Zayani) غا كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سالىھنىڭ ئۈچۈنچى قېتىم كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىشى ئىكەن. كېيىن، زايانىمۇ يەمەندىن ئايرىلغان.
يەمەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە زايانى ۋە ب د ت، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، ئوممان ۋە كۇۋەيتنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، پايتەخت سانادا دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.
 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، نەچچە يۈز ئادەم ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرىنى قورشىۋېلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىلى 30 نەچچە يىل بولغان پىرىزدېنت سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە قارشى تۇرغان.
قوللىرىغا پىچاق ۋە كالتەك كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر كوچىلاردا پەيدا بولۇپ، چەتئەل دېپلوماتلىرىغا تەھدىد سېلىپ، ئۇلارنى سالىھنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى قويمىغان، بۇ ئارقىلىق سالىھنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.
ئاخباراتلارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، كىشىلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ يەمەندىكى ئەلچىخانىسىغا تۇتۇشىدىغان يولنى ئۈزۈپ قويغان ھەمدە ئەلچىخانىغا كىرىش ئېغىزىنى قامال قىلىۋالغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئەلچىخانىسىدا 22-ماي ئاز دېگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ 5 نەپەر دېپلوماتىيە ئەلچىسى بار ئىكەن. ئۇلار ئەلچىخانىدا يىغىلىپ، سالىھنىڭ سارىيىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئىمزا قويغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان.
بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قوراللىق بەزى كىشىلەر دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ دېپلوماتىيە ئەلچىلىرى ئۆمىكىگە ھۇجۇم قىلغان، دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى 22-ماي دەل ئۆمەك ئىچىدە ئىكەن. قوراللىق كىشىلەر دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرزىسىغا ئارىلىشىشغا قارىشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە شوئار توۋلاپ، ئۇنىڭ ماشىنا ئەترىتىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئەلچىخانىسغا كىرىپ باشقا دېپلوماتلار بىلەن كۆرۈشىشىگە يول قويمىغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!