ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكللىگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپىك ئىش-ئىزلاردىن سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى 18-ماي چەرچەن ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك ئەزالىرى خوشۇت ناھىيەسىدىكى مەملىكەت بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك شەخس›› بولۇپ باھالانغان ئالىمجان ئىمىن، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ساخاۋەتچى كاۋاپچى ئالىمجان خالىق، لوپنۇر ناھىيە شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى مۇھىت ئاسراش باشقارمىسىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى سانىيە ئىسمايىل قاتارلىق توققۇز نەپەر ئىلغار شەخسنىڭ تەسىرلىك، ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار، ھەرقايسى يېزا(بازار) مەيدان، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى، چەرچەندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بولۇپ، 400دىن ئارتۇق ئادەم لېكسىيەنى ئاڭلىدى.