ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئەنگىلىيە ئىراقتا سەككىز يىل داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەلتۆكۈس ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
         ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ئەسكەرلىرىنىڭ 22-ماي ئىراقتىن چېكىنىشى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئىراقتا سەككىز يىل داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكىتى تەلتۆكۈس ئاياغلاشتى .

    ئەنگىلىيە 2003-يىلدىن باشلاپ ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ، ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 46 مىڭغا يەتكەن . كۆپ قىسىم ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى 2009 -يىلى ئىراقنىڭ باسىراھ بازىسىدىن چېكىنگەن بولۇپ ، 81 نەپەر ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرى ئۇم قەسىر پورتىدا ، ئۈچەيلەن باغدادتا قېلىپ ، ئىراق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم بەرگەن . بۇ جەرياندا 1800 ئىراق ئەسكىرى 50 تۈر بويىچە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مەشىق مەزمۇنى دېڭىز ئۈستىدە جەڭ قىلىش ، بۇرغىلاش سۇپىسىنى قوغداش ۋە ئاسراش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .  

    ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى 22 -ماي ئىراقتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ، بىر نەچچەيلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەنگىلىيە يەنە ش ئا ئە ت نىڭ ئىراقتا ئەسكەر تەربىيەلەش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، 44 نەپەر ئەنگىلىيە ھەربىي خادىمى ئىراقتا بۇ خىزمەتكە قاتنىشىۋېتىپتۇ . 

    ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ، جەمئىي 179 ئەنگىلىيە ئەسكىرى جەڭدە قازا قىلغان . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى فوكىس بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىنى ئېيتقان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ، ئىراق دېڭىز ئارمىيەسىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!