ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيەنىڭ ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 4 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
شىنخۇا تورىنىڭ 21-ماي خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىر ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانى 20-ماي چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل بوسفور دېڭىز بوغىزىدا چۈشۈپ كېتىپ، 4 ئادەم قازا قىلغان، ئايروپىلان ھەيدىگۈچى ئامان قالغان. تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاند
  


شىنخۇا تورىنىڭ 21-ماي خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىر ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانى 20-ماي چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل بوسفور دېڭىز بوغىزىدا چۈشۈپ كېتىپ، 4 ئادەم قازا قىلغان، ئايروپىلان ھەيدىگۈچى ئامان قالغان.
تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4 نەپەر يولۇچىنىڭ جەسىتى سۈزۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغان، جەسەتلەر ئىچىدە ساقچى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ئوغلىنىڭمۇ بار ئىكەن. تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدىگەن ئادەم ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ نۇرغۇن قۇتقۇزۇش خادىمى ئەۋەتىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلارنى سۈزۈپ چىققان، قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!