
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 22-ماي كېچىدە كاراچىدىكى مېھران دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيىسى تالىبان بىلەن ئون نەچچە سائەت ئېتىشقاندىن كېيىن، تالىباننىڭ بارلىق قوراللىق خادىملىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مەزكۇر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى قايتۇرۇپ كەلگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئېتىپ تاشلانغان. بارلىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەن. پاكىستان ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا 12 نەپەر ئەسكىرىدىن ئايرىلغان.

پاكىستان ئەمەلدارى دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم يەرلىك دائىرىلەرنى «ئوسال» ئەھۋالغا قويغان، نۆۋەتتە 20 نەچچە تالىباننىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا قانداق كىرگەنلىكىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
تالىبان بۇ ئىشقا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. تالىبان باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقان تالىبان «غازاتچىلىرى» سەرخىل قوراللانغان ئىكەن. ئۇلار يېنىدا ئېلىۋالغان يېمەكلىك ۋە ئوق-دورىلىرى نەچچە كۈن ئۇرۇش قىلىشىغا يېتىدىكەن. ئۇلار 22-ماي كېچىدە دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى 3 ئايروپىلان ئامبىرىغا ھۇجۇم قوزغىغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئاز دېگەندە ئىككى دانە P-3C ئايروپىلانىغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېيتقان


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!