
جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-مارت تېلېگراممىسى : خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدە شۇ جاي ۋاقتى 1-مارت سەھەر سائەت 8:30 ئەتراپىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 16 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىلار ئىكەن.
ۋەەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، ئىككى ئاپتوموبىل ۋەيران بولغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىشخانا بىناسى ۋە ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرى پۈتۈنلەي چېقىلىپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قامال قىلىپ، ئادەملەرنى تېزلىكتە تارقىتىۋەتكەن.
تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ،‹‹ رەزىل كۈچلەر ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ››، دېگەن. ئەردوغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىدە 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ 15ى ساقچى ئىكەن.
نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بۇنى كۇرد مىللىتىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار قىلغان دەپ گۇمانلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، رادىكال ئۇنسۇرلار تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان.
