قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تەكشۈرمەكتە
1-مارت كەچ، كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى بىر شەخسىي ئايرودۇرۇم ئەتراپىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان .
گېرمانىيە ئوففېنباخ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كرىستىن بۇركنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 19 ئەتراپىدا، فرانكفورت شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەخسىي ئايرودۇرۇمغا قونماقچى بولغاندا، تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبلىك، يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.