شىنخۇا ئاگېنتلىقى،لوندون،16-فېۋرال تېلىگىراممىسى:
ئەنگىلىيەدىكى <تېلېگىراف خەۋەرلىرى گېزىتى> تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى:<رۇسىيەنىڭ زۇڭلىسى پۇتىن سوتلاندى> ناملىق سۈرەت يېقىندا توردا تارقالدى،بىر كۈندە ئۇنى كۆرىدىغانلار 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى:ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەت رۇسىيەلىك نېفىت ماگناتى مېخائىل خودۇلكوۋېسكىي سوتلانغان چاغدا سۈرەتلەرنى پارچىلاپ ۋە بىر-بىرىگە چاپلاپ ياسالغانىدى،شۇ چاغدا خودۇلكوۋېسكىي باج ئوغرلاش ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان،2016-يىلى تۈرمىدىن چىقىشى مۇمكىن.
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى