
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى جاۋشيەن ناھىيەسى 29-فېۋرال تېلېگراممىسى: 29 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، خېبىي ئۆلكىسى جاۋشيەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹ 28 - فېۋرال ›› پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ 17 گە يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خېبىي ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ شېڭشيەننىڭ ئېيتىشىچە : تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە نازارىتى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ، ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە شجياجۇاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېزلىكتە ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، گاۋ شېڭشيەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ۋەقەنى تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيېخۇي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
يىغىندا شجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ مىڭشۈەن خېبىي ئۆلكىسى ‹‹كىئار›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارتلاش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا: 28-فېۋرال سائەت 9:10 ئەتراپىدا، خېبىي ئۆلكىسى ‹‹كىئار›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ 1-سېخىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە 17 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 46 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېنقلاندى، نەق مەيداندا ئىزدەش ، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، خېبىي ئۆلكىسى ‹‹كىئار›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى جاۋشيەن ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىسى بولۇپ، قانۇنىي ۋەكىلى ياڭ يوڭ ئىكەن. بۇ تۈردە 2009 - يىلى 3 - ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش 2010 - يىل 3-ئايدا تاماملىنىپ تەكشۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئازوت كىسلاتا گۇئانىدىن ، نىترو گۇئانىدىن ، ئاممۇنىي سۇلفات قاتارلىقلار بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئىگە ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا تۈرلەر قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى بىر سېختىكى ئازوت كىسلاتا گۇئانىدىن رېئاكسىيە قازىنىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.