
28-فېۋرال، جۇڭگو گېئولوگىيە مۇزېيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلىرى ساندۇقنى ئېچىپ تاشقا ئايلانغان ‹‹ دىنازاۋۇرنىڭ تۇخۇم چاڭگىسى ›› نى تەكشۈرمەكتە
65 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ‹‹ دىنازاۋۇر تۇخۇم چاڭگىسى ›› تاش قاتمىسىنى 1984 - يىل ئېلىمىز قېزىۋالغاندىن كېيىن، قولدىن قولغا ئۆتۈپ، چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن. 2003 - يىلى ئامېرىكىلىق بىر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى بۇ ‹‹ دىنازاۋۇر تۇخۇم چاڭگىسى ›› تاش قاتمىسىنى نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋالغان ھەمدە 2006 - يىلى لوس ئانژېلىستا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا 420 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقان. كېيىن نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىلىق بۇ تاش قاتمىنى سېتىۋالغۇچى ئۇنى جۇڭگوغا ھەقسىز قايتۇرۇپ بەرگەن . بۇ، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چەت ئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن قەدىمقى جانلىقلارنىڭ تاش قاتمىسىنى قايتۇرۋېلىشى ئىكەن.
بۇ ‹‹ دىنازاۋۇر تۇخۇم چاڭگىسى ›› تاش قاتمىسىدا 22 دانە دىنازاۋۇر تۇخۇمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 19 دانە دىنازاۋۇر تۇخۇمىدىن دىنازۋۇر تۆرەلمىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.



( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!