ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئىران ئۆكتىچى تەشكىلاتىنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلىماقچى

2012-يىلى03-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۈل
يەر شارى تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىران ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى غا يول ئېچىپ بەرگەن، مەقسىتى بۇ تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ
  

يەر شارى تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىران ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» غا يول ئېچىپ بەرگەن، مەقسىتى بۇ تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ چەتئەل تېرورىزىم تەشكىلاتى قارار تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» غا بولغان كۆپ يىللىق بېسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىراننى غەزەپلەندۈرۈدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋام پالاتا كومىتېتىدا دېيىشىچە، «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» نى قارار تىزىملىكتىن چىقرىپ تاشلاش تاشلىماسلىقنىڭ ھالقىسى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىران بىلەن ئىراق چېگرىسىغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش پىلانىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشدا ئىكەن. ھىلارى «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» ھەربىي بازىسىنى يۆتكىشىدە ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىلارىنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكىنىڭ «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» نى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى يوشۇرۇن بىلدۈرۈشى بولۇپ، نۆۋەتتە، ئامېرىكا فېدراتسىيە سوتى دۆلەت مەھكىسىمىگە بۇيرۇق چىقىرىپ، «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» غا قايتىدىن نام بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا 1997-يىلى «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» نى تېرورلۇق تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن، ئەينى چاغدا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىش باسقۇچىدا تۇرغان. خەۋەردە قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئىراننىڭ چوقۇم غەزەپلەندۈرىدىكەن. تېھراننىڭ دېيىشىچە، «ئىران خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئەزەلدىن توختاتمىغان ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئىراننىڭ نەچچە يادرو ئالىمىنى قەستلىگەن.

(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!