1-مارت كەچتە،بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان فىرانكىفورت ئەتراپىدا قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كېتىپ،ئاز دېگەندىمۇ 3 ئادەم قازا قىلغان.گېرمانىيە ئوففىنباخ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 19 لار ئەتراپىدا فىرانكىفورتنىڭ جەنۇبىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەخسىي ئايرۇدىرۇمغا قونماقچى بولغان.ئەينى ۋاقىتتا ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلىغان بولغاچقا،ئايروپىلان ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئوت ئېلىپ پارتىلاپ كەتكەن.
مەنبە:شىنخۇا ئاگېنتلىقى