
خەلقئارا لىنىيە خەۋىرى : 1-مارت ، يەمەننىڭ سانا شەھىرىدە ئۆكتىچىلەر نامايىش قىلىپ ، ھەربىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى ئون مىڭغا يېقىن نارازىلىق بىلدۈرگۈچى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭ ھادىينىڭ سارىيى سىرتىدا نامايىش قىلغان . ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي قىسىم يەنىلا سابىق زۇڭتۇڭ ئابدۇللا سالىھنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن .
