خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىكىلىكس تورى يېقىندا ئامېرىكا Stratfor ئاخبارات شېركىتىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئاشكارىلىشىچە، روسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە 2008-يىلى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىسرائىلىيە روسىيەگە گرۇزىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى تەمىنلەيدىغان، روسىيە ئىسرائىلىيەگە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلىمەكچى بولغان.
Stratfor شېركىتىنىڭ ئاشكارىلانغان ئېلخېتىدە دېيىلىشىچە، گرۇزىيە ئىسرائىلىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالغان، ئىسرائىلىيە روسىيەگە بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ «سانلىق مەلۇمات زەنجىرى» مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن، روسىيە ئىرانغا سېتىپ بەرگەن Tor-M1 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىسرائىلىيەگە تەمىنلىگەن.
Stratfor شېركىتىنىڭ ئېلخېتىدە ئىسمىنى يوشۇرۇغان ئۇچۇر مەنبەسى (مېكىسىكىنىڭ سابىق ساقچىسى، ھەربىي تەھلىلچى) نىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، گرۇزىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ قالغان، روسىيە بىلەن «بەش كۈنلۈك ئۇرۇش» پارتلاشتىن بىر ئاي ئىلگىرى، يەنى 2008-يىلى 7-ئايدا گرۇزىيە مېكسىكا شەخسىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىگىرىدىن يېڭى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئىسرائىلىيەدىن سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئورنىغا سەپلىمەكچى بولغان. گرۇزىيە ئەمەلدارى يەنە نۇرغۇن ئوق-دورا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما كېلىشىم ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈلمىگەن.
ئېلخەتتە دېيىلىشىچە، گرۇزىيە ئەينى چاغدا ئۆزىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتپ بېرىشنى خالايدىغان تەرەپنى ئىزدىگەن بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلماقچى بولغان. ئېلىخەتتە دېيىلىشىچە، گرۇزىيە كېيىن مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ كەتكەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئەزەربەيجانغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما شېتىپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ پۈتۈلگەن پۈتۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
(نەپرەت)