بەگزادە يەردا يۈكۈنۈپ تىلەمچىلىك قىلماقتا
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر كىلىپ ئۇنى ئىلىپ كەتتى
ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى قارا رەڭلىك ئوۋدى ماشىنا بىلەن ئالغىلى كەلدى
شىنخۇا گېزىتى 5-نويابىر خەۋرى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لار ئەتراپىدا، شىڭخۇا شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا پوزۇر كىينگەن بىر يىگىت يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان سۆزلىرى تېزلا بىر موماينى تەسىرلەندۈرۈپ، 5 يۈەن كىرىم قىلدى. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئوۋدى ماشىنا ھەيدىگەن بىرى كىلىپ بۇ يىگىتنى ئىلىپ كەتتى...
نەق مەيداندىكى بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىگىتنىڭ دادىسى يەرلىكتىكى بىر ئۆي-زىمىن شىركىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. بۇ يىگىت مۇشۇنداق قىلغىلى بىر نەچچە قېتىم بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى پەقەتلا «سىناپ بېقىش» ئىكەن.