1 مىليون 586 مىڭ يۈەن باھا قويۇلدى

گىتلېرنىڭ ئەسىرى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
گىتلېر تىلغا ئېلىنسا ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بىر تۇتام قويۇق ساقىلى بار ئۇرۇش ئىبلىسى پەيدا بولىدۇ. لېكىن ، ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 27–سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئەمەلىيەتتە ، گىتلېرمۇ بىر سەنئەتكار ھېسابلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ بىر پارچە سۇ بوياق رەسىمى 30–سېنتەبىر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بولۇپ ، باھاسى 150 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 1 مىليون 586 مىڭ يۈەن) بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.
www.iz.la
خەۋەردىن قارىغاندا ، بۇ قېتىم كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغىنى گىتلېرنىڭ 1908–يىلى سىزغان سۇ بوياق مەنزىرە رەسىمى بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئۇ تېخى خىزمەت ئىزدەۋاتقان رەسسام ئىكەن . رىچارد ۋېستۋۇد مارللاۋكتىن كەلگەن كىمئارتۇق سودىگىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ، پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ، گىتلېر ئەينى چاغلاردا ساياھەتچىلەرگە شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى سىزىپ بەرگەن ئىكەن .
ۋېستۋۇد مۇنداق دېدى: ‹‹گەرچە ئۇ ۋيېناغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان ، كەسپىي رەسسام بولۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ ، ئىككىلا قېتىملىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان . ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتى ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ، بولۇپمۇ ئادەم ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە ماختاپ كەتكىلى بولمايدۇ ››. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ۋېستۋۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئەينى دەۋردىكى ئىلىم–پەن ساھەسىنى ئاساسەن دېگۈدەك يەھۇدىيلار چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولغاچقا ۋە دەل شۇ چاغدا گىتلېر ئىككى قېتىم رەت قىلىنغاچقا ، ئۇنىڭ قەلبىدە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولغانىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چوڭقۇر ئۆچ–ئاداۋەت بۇ چالا رەسسامنى ھەربىي كۈچ (زوراۋانلىق) كە ئىنتىلىش يولىغا ماڭغۇزغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، يۇقىرىقى رەسىم ئاۋستىرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئۆيدىن بايقالغان ئىكەن. copyright by www.iz.la

گىتلېر سىزغان سۇ بوياق مەنزىرە رەسىم
www.iz.la