
شىنخۇا تورى تېھران 9–نويابىر تېلېگراممىسى : ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى باش ۋەكىلى جەلىلى 9–نويابىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاستونغا خەت ئەۋەتىپ ، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بىراق خەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن ، ئىران نۆۋەتتە ئاستۇنغا ئالتە دۆلەت ( ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، رۇسىيە ، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ) بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يادرو سۆھبىتىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى .
ئىراندىكى يەنە بىر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى موتتاكى 9–نويابىر ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يادرو سۆھبىتىنىڭ 15–نويابىر ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .موتتاكى 7– نويابىر ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت بىلەن تۈركىيەدە يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
بۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پولاساندۇستنىڭ 9–نويابىردىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران ۋە ئالتە دۆلەت يادرو سۆھبىتى چوقۇم ئىران ، تۈركىيە ، بىرازىلىيە ئۈچ تەرەپ ئىمزالىغان يادرو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ئاساس قىلىشى كېرەك ، دېگەن . سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا تېھراندا يادرو رېئاكسىيەسى دۆۋىسىنى يادرو يېقىلغۇسىغا ئالماشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ، سۆھبەتنىڭ ئاساسىي جازىسى بولسا ئىران–تۈركىيە–بىرازىلىيە يادرو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ئاساس قىلىش ئىكەن .
بۇ يىل 17–ماي ، ئىران–تۈركىيە–برازىلىيە ئۈچ تەرەپ تېھراندا بىر تۈرلۈك يادرو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغان بولۇپ ، كېلىشىمنامىدە ئىران ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن 1200 كېلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قويۇقلۇقى % 3.5 بولغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى قويۇقلۇقى %20 بولغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بىلەن ئالماشتۇرىدۇ ، دەپ يېزىلغان . بىراق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇ كېلىشىمنامىگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان .