
6–نويابىر، گېرمانىيەنىڭ داننېنبېرگ دېگەن يېرىدە ، نەچچە يۈزلىگەن ئېتىرازچى رېلىستا ئولتۇرۇۋېلىپ ، پويىزنى توسۇشقا ئۇرۇندى
گېرمانىيە ساقچى تەرەپ 8–ئىيۇل ساقچىلارنىڭ يادرو ئەخلەتلىرىنى توشۇيدىغان پويىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان 3000 دەك ئېتىرازچىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ، پويىزنىڭ يەنە قايتا قوزغىلىپ ، مەنزىلگە يېتەي دەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ساقچىلار شۇ يەر ۋاقتى 8–نويابىر سەھەر سائەت 1:40 دا ئېتىرازچىلارنى ‹‹تازىلاش›› نى باشلىغان، سائەت 7:00 لەردە 3000 ئېتىرازچىنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىۋەتكەن.
لۇنېلبۇرگدىكى ساقچى تەرەپنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېگەن : ‹‹ پويىز سائەت 8:20 تا يەنە قايتا قوزغالدى››.
بۇ باياناتچىنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، پويىزنىڭ مەنزىل داننېنبېرگقا يېتىپ بېرىش يول بۆلىكى ‹‹تازىلىنىپ›› بولغان بولۇپ، بىرمۇ ئېتىرازچى قالماپتۇ.
بۇ پويىز داننېنبېرگقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يادرو ئەخلەتلىرى كونتېينېرى يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گورلېبېنغا توشۇلىدىكەن. ھۆكۈمەت بۇ يادرو ئەخلەتلىرىنى گورلېبېندىكى بىر تاشلاندۇق تۇز كېنىنىڭ يەر ئاستى 860 مېتىرلىق چوڭقۇرلۇقىغا كۆمىدىكەن.
پويىزغا 123 توننا يادرو ئەخلىتى قاچىلانغان بولۇپ، 5 - نويابىر فىرانسىيە يادرو ئېلېكتىر كارخانىسى AREVA گۇرۇھى قارمىقىدىكى بىر يادرو يېقىلغۇلىرىنى يىغىۋېلىش زاۋۇتىدىن يولغا چىققان. پويىز يولغا چىققاندىن بۇيان، يادروغا قارشى ئېتىرازچىلار يول بويى تۆمۈريولدا يېتىۋېلىش ياكى ئۆزىنى تۆمۈريول كۆۋرۈكىگە ئېسىۋېلىش ۋە ياكى ئۆزىنى رېلىسقا باغلىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق پويىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئەمەلدارى راينا ۋېنتې ساقچى تەرەپنىڭ 20 مىڭدەك ساقچى ئەۋەتىپ، پويىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئېيتقان.