ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

2010-يىلى11-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
9–نويابىر ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ خەلق سارىيىدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى    خەلق تورى ، بېيجىڭ، 9–نويابىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدىكى خ
  

9–نويابىر ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ خەلق سارىيىدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

   خەلق تورى ، بېيجىڭ، 9–نويابىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
   ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن ئەنگىلىيە ھەر تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلگەندە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
   ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگىلىيە ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى مول ، كەلگۈسى پارلاق . ئەنگىلىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ ، يۇقىرى كاسىپچىلىق ، ئاۋىياتسىيە–ئالەم بوشلۇقى، يېڭىلىق يارىتىش سانائىتى ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەتچىلىكى ، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمىز . ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ دىققەت–نەزەرىنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا ، ئۇ جايلاردا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چەكسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە بەكرەك ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەنگىلىيە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ، جۇڭگوغا يۇقىرى پەن–تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىشى كېرەك ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سودىدا تەڭپۇڭلۇقنى ، سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
 
 
   ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىدۇ ، بۇ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد–سودا مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ . ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنگىلىيەگە بېرىشتا ۋىزا ئېلىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىكى ۋەدىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، بازارلارنى كېڭەيتىۋاتىدۇ ، ئېچىۋېتىپ بارىدۇ . جۇڭگونىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنى قارشى ئالىمىز . جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقانلىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئوخشاشلا خەلق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . جۇڭگو بىلىم–مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ . جۇڭگونىڭ بازار مۇھىتى تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ (ئاشكارىلىشىدۇ)، قېلىپلىشىدۇ، قولايلىقلىشىدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.
   ۋېن جياباۋ ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت ، سەھىيە ، ياش–ئۆسمۈرلەرنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ساھەلەردە مول ۋە رەڭدار پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ ، جۇڭگو–ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
   كامىرون مۇنداق دېدى: ئەنگىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، ‹‹بىر جۇڭگو›› سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ...
 
   سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە قول قويدى. ۋېن جياباۋ يەنە ئەنگىلىيە كارخانىچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ ‹‹12–بەش يىل›› لىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ، سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى ، ئەنگىلىيە كارخانىچىلىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر