ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كانادا باش مىنىستىرى بېرما ئۆكتىچىلەر رەزبىرى ئاڭ سەن سۇكيىنى كانادانى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: قەيسەر
كانادا باش مىنىستىرىستېفىن خارپېر27-دېكابىر بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭ سەن سۇكيىنى كانادانى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ھەمدە كانادا شەرپلىك پۇقراسى نامىنى ئۆزى تاپشۇرۇۋېلىشىنىجاكارلىغان. خارپېر بىز ئاڭ سەن سۇكيى نەزەربەنتتىن ئازاد قىلىنغاندىن ك
  

كانادا باش مىنىستىرى ستېفىن خارپېر 27-دېكابىر بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭ سەن سۇكيىنى كانادانى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ھەمدە كانادا شەرپلىك پۇقراسى نامىنى ئۆزى تاپشۇرۇۋېلىشىنى جاكارلىغان.

خارپېر بىز ئاڭ سەن سۇكيى نەزەربەنتتىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى  ھەر قايسى دۆلەتلەردە ساياھەت قىلىشقا ئەمەس، بەلكى بېرما ئىچىدىكى سىياسىي سۆھبەت ۋە سۆزلىشىشكە قاراتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. بىز ئۇنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز دېگەن.

خارپېر ئاڭ سەن سۇكىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېرمىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە مىللەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىپ، بېرما خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا دەۋەت قىلغان.

2007-يىلى ئاڭ سەن سۇكىيى كانادا پارلامېنتىنىڭ شەرەپلىك كانادا پۇقراسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

مەنبە: سۇمرۇغ تورى(نەپرەت)  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!