ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان باش مىنىستىرى ياپونىيەنى زىيارەت قىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگى10-ئاينىڭ24-كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ3كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتو كان بىلەن سۆھبەتلەشتى.ئۇ ياپونىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا:مەن ياپونىيە ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئىنىر
  


ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگى10-ئاينىڭ24-كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ3كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتو كان بىلەن سۆھبەتلەشتى.ئۇ ياپونىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا:«مەن ياپونىيە ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئىنىرگىيە كېلىشىمى تۈزەلەيدىغانلىقىنى ئىشىنىمەن،بۇ ئىككىلا دۆلەتكە پايدا يەتكۈزىدىغان لاھىيە»دېگەن.
باش مىنىستىر سىنگى ھىندىستاننىڭ يادرو پىلانىدا ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ يادرو ئېلىكتىر تېخنىكىسىنى»پۈتۈن يەر شارىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى»دەپ ماختىغان.
ھىندىستان يادرو قورالى ياسىغانلىقتىن،ئەمما«يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»گە ئىمزا قويمىغانلىقتىن،ياپونىيە ھىندىستاننى ئەگەر يەنە يادرو سىنىقى قىلسا ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسى ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
10-ئاينىڭ25-كۈنى،باش مىنىستىر سىنگى ياپونىيە سودا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خىروماسا يونېكۇرا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئەربابلار بىلەن توكيودا كۆرۈشكەن.سىنگى سۆز قىلىپ:«ھىندىستاننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر قالاق،بۇ ھىندىستان ياساش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويدى،ياپونىيەنىڭ ھىندىستاننىڭ ئېنىرگىيە،سۇ ۋە قاتناش قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن»دېگەن.سىنگى يەنە ياپونىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېئىجى مېئېخارا بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!