ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكىدىكى ماي تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە 27 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
     شىنخۇا تورى مېكسىكا 19–دېكابىر تېلېگراممىسى : مېكسىكا نېفىت شىركىتى 19–دېكابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ، شۇ كۈنى مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پۇئېبلا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ماي يوللاش تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە 27 ئادەم قازا قىلغان ،
  

     شىنخۇا تورى مېكسىكا 19–دېكابىر تېلېگراممىسى : مېكسىكا نېفىت شىركىتى 19–دېكابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ، شۇ كۈنى مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پۇئېبلا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ماي يوللاش تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە 27 ئادەم قازا قىلغان ، 52 ئادەم يارىلانغان ، 113 ئېغىز ئۆي كۆيۈپ كەتكەن .

     مېكسىكا نېفىت شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ شىركەتنىڭ پۇئېبلا ئۆلكىسىنىڭ سىنمارتىن–تېكىسمېرۇكان بازىرىدىكى 7–نومۇرلۇق پومپا بېكىتىدىكى ئىككى تال ماي يوللاش تۇرۇبىسىدا 19–دېكابىر سەھەر سائەت 5:50 (بېيجىڭ ۋاقتى 19–دېكابىر كەچ سائەت 19:50 ) دە پارتلاش يۈز بەرگەن .

     شۇ يەر ۋاقتى 19–دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لەردە ، ئوت تىزگىنلەنگەن . مېكسىكا نېفىت شىركىتى مۇنداق دېگەن : بۇ قېتىمقى پارتلاش بەلكىم كىشلەر تۇرۇبىدا ئېقىۋاتقان ماينى ئوغرىلىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن . تېخنىكلار پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ .

    نۆۋەتتە ، مېكسىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن شۇ يەرلىك خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ، يېقىن ئەتراپتىكى رايونلارنى قامال قىلغان .

    شۇ كۈنى ، مېكسىكا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا ،  زۇڭتۇڭ كادلدېرون بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلىسى ھەمدە ۋەقەدە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن پارتلاش كىشلەرنىڭ تۇرۇبا ئىچىدىكى يېقىلغۇ ماينى ئوغرىلىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارالغان بولۇپ ، زۇڭتۇڭ بۇ ۋەقەنى ئۈزۈل–كېسىل تەكشۈرۈپ ، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!