ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيەدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ، بەش جۇڭگولۇق ئىشچى يوقاپ كەتتى

2010-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
          شىنخۇا تورى ، موسكىۋا 27 ــ دېكابىر تېلېگراممىسى : رۇسىيە زابايقال چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە ، زابايقال چېگرا رايونىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا 27 ــ دېكابىر سەھەر پارتلاش يۈز بېرىپ ، بەش جۇڭگولۇق ئىشچى ئىز ــ دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
  

    

     شىنخۇا تورى ، موسكىۋا 27 ــ دېكابىر تېلېگراممىسى : رۇسىيە زابايقال چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە ، زابايقال چېگرا رايونىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا 27 ــ دېكابىر سەھەر پارتلاش يۈز بېرىپ ، بەش جۇڭگولۇق ئىشچى ئىز ــ دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن .

    زابايقال چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، زابايقال چېگرا رايونىنىڭ داغۇرىئاز كەنتىگە جايلاشقان بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ماي زاپىسى تۇرۇبىسى شۇ يەر ۋاقتى 27 ــ دېكابىر سەھەردە پارتلىغان . پارتلاش يۈز بەرگەندە 18 نەپەرجۇڭگولۇق ئىشچى نەق مەيداندا بار بولۇپ ، نۆۋەتتە بەش ئىشچىنىڭ تا ھازىرغىچە ئىز ــ دېرىكى بولمىغان . ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيداندىن بىر جەسەتنى تاپقان بولۇپ ، بۇ جەسەتنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىۋېتىپتۇ .

    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شۇ يەردىكى ئۆت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان . پارتلاشتا ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتكەن ، بىراق ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش ، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .

    دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئوت ئۆچۈرۈش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئوچۇق يالقۇننى ئىشلىتىشىنىڭ بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!