
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ، 29–سېنتەبىر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى 28–سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى قاتارلىق نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە چېتىشلىق كارخانىلار كومىتېتىمىز بىلەن تولۇق ھەمكارلاشمىدى ، بۇ خىل پوزىتسىيە كومىتېتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.
كومىتېت بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى ۋىلليام رىلېي: ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ۋە شۋېتسارىيە ئوكيان ھالقىپ بۇرغىلاش شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئۇچۇرلارنى كومىتېتنىڭ تەلىپى بويىچە تەمىنلەپ بەرمىدى. كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەندە ، كۆپلىگەن كىشىلەر ماسلىشىشنى رەت قىلدى ، دېدى.
زۇڭتۇڭ باراك ئوباما 22–ماي مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، يەتتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى . جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋىلليام رىلېي ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بوب گراھام كومىتېت بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى . كومىتېت چوقۇم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ قانداق ئايلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانداق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشى كېرەك ئىدى . ئوباما كومىتېتتىن ئالتە ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملاپ، تۈزەش تەكلىپى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رېلىي مۇنداق دېدى: ئەگەر بىزنىڭ چاقىرىش ھوقۇقىمىز بولغان بولسا ، ئۇلارنى مەجبۇرلىغان بولاتتۇق››.
كومىتېتنىڭ چاقىرىش ھوقۇقى بولمىغاچقا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ۋە ئوكيان ھالقىپ بۇرغىلاش شىركىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىيالمىغان.
گراھام ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىنى قىستاپ ، كومىتېتنىڭ چاقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ، بۇ كومىتېتقا چاقىرىش ھوقۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.