ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ، دېدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  ماتىرىيال سۈرەت     شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 20–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 20–سېنتەبىر ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىشچىلىرىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈ
  
 
ماتىرىيال سۈرەت

    شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 20–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 20–سېنتەبىر ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىشچىلىرىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ، دېدى .

    بۇ ئوبامانىڭ CNBC تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزى بولۇپ ، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ، دېگەن .

    بۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گېيتېنىرنىڭ يېقىندىكى پوزىتسىيەسى بىلەن بىردەك بولۇپ ، گەيتانا 16–سېنتەبىر پارلامېنتنىڭ جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى ۋە جۇڭگو–ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : نۆۋەتتە ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان چەت ئەل سودا بازىرى ، جۇڭگو بازىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .

    گېيتېنىر جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تېپىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ ، زۇڭتۇڭنىڭ ‹‹ دۆلەت ئېكىسپورت تەشەببۇسى ››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارايدىكەن .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!