21–سېنتەبىر—خەلقئارا تىنچلىق كۈنى. 2010–يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون ‹‹ياشلار بىلەن تىنچلىق ۋە تەرەققىيات›› نى باش تېما قىلىپ ، پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىغا تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تىنچلىققا ئىنتىلىش—ب د ت نىڭ ئالىي ۋەزىپىسى . 1981–يىلى ، ب د ت يىغىنى 36\37–نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ ، ھەر يىلى سېنتەبىرنىڭ ئۈچىنچى سەيشەنبىسى ب د ت يىغىنى ئېچىلىدىغان كۈننى خەلقئارا تىنچلىق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.2001– يىلى 7–سېنتەبىر ، ب د ت يىغىنى 55\282–نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ ، 2002–يىلىدىن باشلاپ ، ھەر يىلىنىڭ 21–سېنتەبىر كۈنىنى خەلقئارا تىنچلىق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن . قاراردا يەنە خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە زوراۋانلىق قىلماسلىق كۈنى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن بولۇپ ، بارلىق دۆلەت ۋە خەلقلەرگە بۇ كۈندە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن يەرشارىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە تەلىم–تەربىيە ۋە تەشۋىقات قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراجىئەت قىلىنغان.
2010–يىلىدىكى خەلقئارا تىنچلىق كۈنى خەلقئارا ياشلار يىلىغا شۇنداقلا ، ب د ت نىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى . ياشلار ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۆزئارا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە : تىنچلىق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ، بۇ ياشلارغا ، بولۇپمۇ توقۇنۇشتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ چىققان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ياشلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، تېنى ساغلام ، تەربىيە كۆرگەن ياشلارمۇ تەرەققيات ۋە تىنچلىقنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم . تىنچ ، مۇقىم ۋە بىخەتەر مۇھىت مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق .

2009–يىلى ‹‹ بىز چوقۇم ئەسكەر قىسقارتىمىز ، بىز چوقۇم تىنچلىققا ئىگە بولىمىز›› خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان ئىدى .