
شىنخۇا تورى نيۇ يورك 24–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد 24–سېنتەبىر ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىراننى قويۇقلۇقى %20 بولغان يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلىسە ، ئىران ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ ، دېدى .
نۆۋەتتە ، ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەھمەدى نىجاد شۇ كۈنى نيۇ يوركتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقاندا ، ئىران ئۆزى چوقۇم قويۇقلۇقى %20 بولغان يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىشى زۆرۈر . لېكىن بىز باشقىلار تەرىپىدىن قويۇقلۇقى %20 بولغان يادرو يېقىلغۇسىغا ئېرىشەلىسەك ، بىز ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى ئويلىشىمىز ... دېدى .
ئەھمەدى نىجاد يەنە ، ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك ئىران قويۇقلۇقى %20 بولغان قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىشقا قىزىقمايدۇ . خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، غەرب دۆلەتلىرى چوقۇم ئىراننى يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك . بىراق ئۇلار بۇنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتتى ، دېدى .
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ ، بىراق ئىران يادرو ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز تېنچلىقنى مەقسەت قىلغان دېگەندە چىڭ تۇرغان . ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئىران ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى توختۇتۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۆت تۈرلۈك ئىرانغا قارىتىلغان جازا قارارى لايىھەسىنى ماقۇللىغان .