ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:www.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
ئىراندىكى ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى (ماتېرىيال سۈرەت) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر دىپلوماتىيە باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ،30نويابىر ئىراننىڭ6 ۋە7 دېكابىر جەنۋەدە كۆپچىلىكنىڭدىققىتىنى قوزغاۋاتقانيادرو پىلانىتوغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش كېڭەشكە ئەزا دۆ
  

ئىراندىكى ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى ( ماتېرىيال سۈرەت )

    ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر دىپلوماتىيە باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، 30–نويابىر ئىراننىڭ 6– ۋە 7– دېكابىر جەنۋەدە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يادرو پىلانى توغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش كېڭەشكە ئەزا دۆلىتى ھەمدە گېرمانىيە بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلغان .

   بۇ باياناتچى يەنە ئىراننىڭ باش سۆھبەت مۇتەخەسىسى جالىلىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئاستون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان .  

 

    ئاستون ئالتە دۆلەت ۋەكىللىرىنى ( جۇڭگو ، رۇسىيە ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ) باشلاپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن .

    بۇ 2009 ــ يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىران بىلەن ئالتە دۆلەت ئۆتكۈزگەن تۇنجى سۆھبەت ھېسابلىنىدىكەن .

    ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىۋەتكەن بولۇپ ، ئالتە دۆلەت سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قارىتىلىشنى ئۈمىد قىلسا ، تېھران سۆھبەت جەريانىدا  نۇرغۇن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن . بۇ مەسلە يەنە خەۋپسىزلىك مەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

    ئامېرىكا ، ياۋروپا ۋە ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسى ئارقىلىق يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن ، بىراق تېھران باشتىن ئاخىر بۇ يادرو پىلانىنىڭ كىشىلەرنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە تېنچلىقنى ئاساس قىلغانلىقى توغرىسىدا چىڭ تۇرغان .

    ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىران 29 ــ نويابىر ئىراندىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش سېنترىفۇگىنىڭ كومپىيوتېر ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە سائەت بۇرۇن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر يادرو مۇتەخەسىسى قازا قىلغان ، يەنە بىر يادرو مۇتەخەسىسى يارىلانغان .  

    تەھلىلچىلەر بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران بىلەن ئالتە دۆلەت سۆھبىتىگە بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر