ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئىنتېرنېت تورى ساقچىسى قىسىمى قۇردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ئىران يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان ئىنتېرنېت تورى ساقچى تارماقلىرى 23-يانۋاردىن باشلاپ رەسىمىي خىزمەتكە چۈشكەن، مەزكۇر تارماق خىزمىتى دۈشمەنلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىنلىنىپ جاسوسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن. تور بىخەتەرلىكىگە مەسئول
  


ئىران يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان ئىنتېرنېت تورى ساقچى تارماقلىرى 23-يانۋاردىن باشلاپ رەسىمىي خىزمەتكە چۈشكەن، مەزكۇر تارماق خىزمىتى دۈشمەنلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىنلىنىپ جاسوسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
تور بىخەتەرلىكىگە مەسئول ساقچى قىسىمى پايتەخت تېھراندا تەسىس قىلىنغان، كېلەر يىلنىڭ بېشىغا كەلگەندە تور ساقچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچى ئىدارىلىرىغا تەقسىملىنىپ، توردا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. ئىران پارس ئاگېنتلىقى ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، ئۇچۇر قورالى سىياسىي، بىخەتەرلىك، سودا ۋە دىننى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا قارشىلىشىۋاتقان جەھەتلەردە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رول ئوينىماقتا، تور ساقچىلىرى ئۇچۇر ساھەسىدىكى جاسوسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنى توساپ قالالايدۇ دېيىلگەن.
بۇ ئەمەلدار يەنە ئىران خەلقىنىڭ ئېنتىرنېت تورىنى ئىشلىتىشكە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، نۆۋەتتە ئېنتىرنېت تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىد ۋە پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ تەھدىدلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ۋە پۇرسەتلەردىن پايدىنلىنىدىغان پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك دېگەن.
ئىران ئافباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 3-ئايدا، ئىران 30 نەپەر تور جىنايەتچىسىنى قولغا ئالغان، ئۇلارنى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىرانغا قارىتا ئىنتېرنىت تور ئۇرۇشى قوزغىدى دەپ ئەيىپلىگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!