سۇداندىكى ئامما بېلەت تاشلىماقتا
جەنۇبىي سۇداندىكى بېلەت تاشلاش كومىتېتى تورى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي سۇداندىكى (10 ئوبلاست) %80 سايلام بېلىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسى ۋە شىمالىي سۇدان ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى %100 سايلام بېلىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، %98.6 سايلىغۇچى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان .
سۇداننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى 2005–يىلى ئىمزالىغان ‹‹ ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى›› ۋە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىغا بېلەت تاشلاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، پەقەت تىزىملاتقان 4 مىليونغا يېقىن بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى %60 دىن ئېشىپ ، بېلەت تاشلاش ئىناۋەتلىك بولغان شەرت ئاستىدا قانۇنلۇق بولىدىكەن . بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بىر نەچچە كۈنلا قالدى دېيىشكە بولىدىكەن .
ئامما بېلەت تاشلىماقتا
بېلەت تاشلاش مەزگىلىدە ، گەرچە بىر قىسىم ئاز ساندىكى بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار بايقالغان بولسىمۇ ، بىراق خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نازارەتچى ھەمدە سۇدان بېلەت تاشلاش كومىتېتىنىڭ قارىشىچە ، بىر ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش ئومۇمەن تىنچ ، ئاشكارە ۋە ئىختىيارىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن . ئەڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە سۇداندىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن .
بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ سۇدان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان . سۇداننىڭ كېيىنكى ۋەزىيىتى قاندان بولىدۇ ؟ بۇ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان .
جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇدان بىر قىسىم مۈشكۈل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ ، ئالدى بىلەن ، جەنۇبىي سۇداننىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىتىنى قانداق بەلگىلەش مەسىلىسىنى كېڭىشىش كېرەك ئىكەن . دۆلەت قۇرۇش ، شۇنداقلا بىرلەشمە قۇرۇش ، ھازىر ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇزاكىرە ۋە تەھلىل قىلىدىغان تېما بولۇپ قالغان . مىسىر ‹‹ خەۋەر گېزىتى››نىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن : شىمالىي سۇدان نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ، جەنۇبىي سۇدان بولسا بىر قەدەر ئارقىدا قالغان . ئەگەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بىرلەشمە قۇرسا ، بۇنىڭ كۆپچىلىككە پايدىسى بار . بىراق ، جەنۇبىي سۇداننىڭ رەھبىرى كىر مۇنداق دېگەن : مىليونلىغان جەنۇبلىقلارنىڭ قېنى ھەرگىز بىكارغا ئاقمايدۇ ، مۇستەقىللىك ھامان بىر كۈن يېتىپ كېلىدۇ . بۇنىڭدىن جەنۇب تەرەپنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئىككىنچىدىن ، ئابيېي رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى . ئابيېي رايونى سۇداننىڭ جەنۇب–شىمال چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى شىمالغا يانداشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ ، يەر ئاستىدىكى نېفىت بايلىقى ئىنتايىن مول . سۇ بايلىقى كۆپ ، يەرلىرى ئىنتايىن مۇنبەت . بىراق ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە جەنۇبتىكى دىنكا نگۇك مىللىتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ ، پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم ئاھالىلا مېسسېرىيا مىللىتىدىن ئىكەن . بۇ رايوننىڭ تەۋەلىك مەسلىسىگە قارىتا ، 2009–يىلى خەلقئارا كېسىم سوت مەھكىمىسى ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنى 2011–يىلى 9–يانۋار ، جەنۇبنىڭ مۇستەقىللىقىغا بېلەت تاشلىغان كۈنى بىرلىكتە بېلەت تاشلاپ ، قارار چىقىرىشنى بېكىتكەن . بىراق ، 9–يانۋار بېلەت تاشلاش كۈنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ 27 ئادىمى توقۇنۇشتا قازا قىلغان .
ئۈچىنچىدىن ، نېفىتنىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش مەسىلىسى . نېفىت سۇدان ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئۇلى . %70 نېفىت زاپىسى جەنۇبىي سۇداندا بولۇپ ، ئەگەر جەنۇب مۇستەقىل بولسا ، شىمال ئۈچتىن ئىككى قىسىم نېفىت كىرىمىدىن زىيان تارتىدىكەن .
تۆتىنچىدىن ، تاشقى قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسى . نۆۋەتتە ، سۇداننىڭ تاشقى قەرز ئومۇمىي سوممىسى 38 مىليارد دوللار بولۇپ ، شىمال–جەنۇب ئىككى تەرەپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تىنچ ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن . بىراق ‹‹ ھېساب كىتاب ›› قىلىدىغان چاغدا ، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇب ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تاشقى قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش مەسلىسىدە ھەر كىم ئۆز گېپىنى يورغىلاتماقتا .
بەشىنچىدىن ، جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇداندىكى ئاھالىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىك ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىش مەسىلىسى . جەنۇب تەرەپ شىمالدا تۇرىدىغان جەنۇب ئاھالىلىرىنىڭ ‹‹ ئىككى دۆلەت تەۋەلىك›› ھوقۇقىنى بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بىراق شىمال بۇنى رەت قىلغان .
ئالتىنچىدىن ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە ، جەنۇبىي سۇدان يەنىلا ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە .
بۇنىڭدىن باشقا ، سۇداننىڭ جەنۇب–شىمال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا نىل دەرياسىدىكى سۇنى تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇشكۈل .