ئامېرىكا ئاۋازى(VOA)نىڭ 25-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە بۇلتۇر جۇڭگودىن جەمئىي 83 مىڭ 945 توننا گۈرۈچ ئىمپورت قىلغان بولۇپ، تارىختىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2010-يىلى ئىمپورت قىلغان مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5000 توننا ئاشقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يۇقىرى رېكورت 2007-يىلىدىكى 81 مىڭ توننىغا قارىغاندا 3000 توننا ئاشقان. ئىمپورت سوممىسى جەھەتتە، بۇلتۇر 35 مىليون 400 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ يېڭى رېكورت ياراتقان.
شىمالىي كورىيە بۇلتۇر يەنە 87 مىڭ 631 توننا كۆممەقوناق ئىمپورت قىلغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 15 مىڭ توننا ئازلىغان، ئىمپورت سوممىسى 23 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ بۇلتۇرقى(24 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ بولغان.
2010-يىلى شىمالىي كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دېھقانچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى سودا سوممىسى 353 مىليون 903 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئازلىغان. شىمالىي كورىيە 80 مىليون 998 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئېكىسپورت قىلغان، 191 مىليون 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پاسسىپ بالانىس كۆرۈلگەن.
شىمالىي كورىيەنىڭ ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغانلىرى گۈرۈچ، كۆممەقوناق، يېمەكلىك مېيى، شېكەر، پاختا، موگۇ قاتارلىقلار بولۇپ، يېمەكلىك ماينى 35 مىليون 851 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىمپورت قىلغان بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، گۈرۈچ ئىككىنچى ئورۇندا، گۈرۈچ ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرغان.
لولىگو سىياھبېلىقى قاتارلىق يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار ۋە توڭلىتىلغان بېلىق تۈرلىرى شىمالىي كورىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق تاۋىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئېكىسپورتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگەللەيدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ بىرەسىمىي ياردىمى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.