شىنخۇا تورى پيۇڭياڭ 28–نويابىر تېلېگراممىسى : چاۋشيەن تىنچلىقنى ھىمايە قىلىش كومىتېتى 28–نويابىر پيۇڭياڭدا بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئاراللىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ، شۇنداقلا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئالاھىدە ھەربىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان .
چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنى تارقاتقان باياناتىدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونىدا كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ، ھەمدە بۇ يەرنىڭ ئەڭ سەزگۈر ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار ناھايىتى ئۆتكۈر رايونغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇلار يەنە ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بۇ دېڭىز ساھىلىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك بولغان ھەربىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا چاۋشيەن خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ ، تىنچلىقنى قوغداش ئارزۇسىغا نىسبەتەن ‹‹ قوپال بولغان جەڭ ئېلان قىلىش ›› ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن ، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ يادرو يېقىلغۇلۇق ئاۋىياماتكىنى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇشى چاۋشيەننى ھەرگىز قورقۇتالمايدۇ . ‹‹ چاۋشيەن ئاللىقاچان بۇ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق كۆرۈپ بولدى ›› .
باياناتتا ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ھەمدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى .
كورىيە بىلەن ئامېرىكا 28–نويابىردىن باشلاپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ جورج . ۋاشېنگىتون ›› ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ئاۋىياماتكىسى بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتناشقان . ھەربىي مانېۋىر 1–دېكابىر ئاياغلىشىدىكەن .
