ۋەقەدە يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى
شىنخۇا تورى ئىسلامئاباد 6–دېكابىر تېلېگراممىسى : پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ 6–دېكابىر ئېيتىشىچە ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايوندا 6–دېكابىر ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە 40 ئادەم قازا قىلغان ، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
شۇ يەرلىك ئەمەلدار شەمىس ئىسلامنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى ، موتسىكلىت مىنىگەن بىرنەچچە كىشى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى موخمەند قەبىلىسى رايونىنىڭ باش مەمۇر ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولۇپ ، بىرەيلەن ئىشخانىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپلا بومبىنى پارتلاتقان ، يەنە بىرەيلەن خەۋپسىزلىق خادىملىرىدىن قېچىپ قوتۇلماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ ، بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان .
ۋەقەدە يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا
شەمىس ئىسلامنىڭ ئېيتىشىچە ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ، موخمەندنىڭ باش مەمۇرى ، شۇ يەرلىك قەبىلە ئاقسىلى ۋە باشقا مەمۇرى ئەمەلدارلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشخانىدا يىغىن ئېچىپ ، بۇ رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىكەن .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسمى موخمەند رايونىنىڭ ھەربىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ھەمدە بۇ رايوندا ئاختۇرۇپ تۇتۇشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، بۇ رايونغا كىرىپ–چىقىدىغان بارلىق يوللارنى تاقىۋەتكەن . نۆۋەتتە ، ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخىس بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان .
پاكىستان زۇڭلىسى جىلانى بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەپ ، دەرھال ۋەقەنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن .
بۇ ، موخمەند قەبىلە رايونىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن 2–قېتىملىق ئېغىر پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ يىل 9–ئىيۇل ، بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بۇ رايوندىكى بىر بازاردا بومبا پارتلىتىپ ، 107 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ، 120 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ‹‹ تالىبان›› بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
موخمەند قەبىلە رايونى پاكىستاندىكى يەتتە قەبىلە رايونىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش ، ‹‹ تالىبان›› ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ ۋە ‹‹ بازا›› تەشكىلاتى بىرقەدەر قۇترىغان رايون بولۇپ ھېسابلىندۇ .