جاڭ چۈنشيەن كۈيتۈن شەھىرى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىدىن چاغانلىق ھال سورىماقتا
چېڭ لىشىن خەۋىرى : جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 4 – فېۋرالدىن 6 – فېۋرالغىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىگە بېرىپ ھال سوراپ، چاغاننى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ شىڭفۇ كەنتى، ۋۇياڭ مەھەللىسى، ماناس ناھىيەسى باۋجاديەن بازىرىنىڭ تاسىرقاي كەنتى، ماناس بازىرىنىڭ نەنيۈەنزى كەنتى، سۇساتقان قازاق يېزىسى، كۈيتۈڭ شەھىرى ‹‹ئىتتىپاق يولى›› كوچا باشقارمىسى قاراغاش مەھەللىسى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى. ئامما بىلەن كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بارغانلىكى يەردە چاۋاك ئاۋازى، ناخشا ساداسى ئۈزۈلمىدى، پوجاڭزىلار ئېتىلىپ، ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى..
‹‹چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!›› جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ شىڭفۇ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 43 ياشلىق شى جۈنچياڭنىڭ ئازادە ھەم پاكىز يېڭى ئۆيىگە كىرىپلا، قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
جاڭ چۈنشيەن كىرىسلودا شى جۈنچياڭ بىلەن پاراڭلاشتى. بۇلتۇر قانچىلىك كىرىم قىلدىڭىز؟ چاغاننى قانداقراق ئۆتكۈزۈۋاتىسىز؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەنە قانداق ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتىسىز؟ جاڭ چۈنشيەن بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈردى.
شى جۈنچياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 75 مو يەرنىڭ كۆپ قىسمىغا كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىدىم، بۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە قوي، 20 نەچچە توخۇ باقتىم، ئائىلەمدىكى تۆت جاننىڭ ساپ كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ چاغانلىق تەييارلىقنى خېلى پۇختا قىلدۇق، گۆش، كۆكتات، پېچىنە – پىرەنىك، مېۋە – چىۋە دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىدۇق، بىر قانچە يۈز يۈەنلىك پوجاڭزىمۇ سېتىۋالدۇق تېخى.
— سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى ئالدىڭلارمۇ؟ باشقا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇڭلارمۇ؟ – جاڭ چۈنشيەن داۋاملىق سورىدى.
شى جۈنچياڭ مۇنداق دېدى: تېرىقچىلىققا ئائىت تولۇقلىمىلارنى ئالغاندىن باشقا، يەنە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى، يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق.
ئارقىدىن، جاڭ چۈنشيەن ۋۇياڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، دافېڭ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، 2010 – يىللىق جۇڭگو مائارىپى يىللىق ئاخباراتلىق شەخسلەر بويىچە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋاڭ گۈيمىننى يوقلىدى. ۋاڭ گۈيمىن 2001 – يىلى قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن كېسەلگە باش ئەگمەي، ھېلىھەم بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
جاڭ چۈنشيەن ۋاڭ گۈيمىننىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ھال سوراش پۇلى بەردى. جاڭ چۈنشيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىز ئىچكىرى ئۆلكىدىن ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن چېگرا رايونغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ ئىشلىرىغا خالىس تۆھپە قوشۇپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت بالىلارغا بىلىم بەردىڭىز، ھۆرمەتكە سازاۋەرسىز. ئۇ ۋاڭ گۈيمىن ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، چېگرا رايون مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
5 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ماناس ناھىيەسى سۇساتقان قازاق يېزىسىنىڭ مىنما ئېكولوگىيە كەنتىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا باردى. ناھىيە نۇقتىلىق قۇرغان، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بۇ جايغا ھازىر 150 يۈرۈش چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى سېلىنغان، 88 ئائىلىلىك چارۋىچى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنىدى.
دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتى بولغاچقا، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن قازاقلارمۇ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، دومبۇرا چېلىپ، خەنزۇلار بىلەن بىللە چاغاننى تەبرىكلىدى. جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ كەنتكە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرتداشلار بىردەمدىلا ئۇنى ئورىۋېلىشتى، جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، چاغاننى تەبرىكلىدى.
66 ياشلىق تۇساننىڭ 84 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى خىش ئۆيىدىن ئىللىق ھارارەت تەپچىپ تۇراتتى. شىرداق ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان تۇسان جاڭ چۈنشيەنگە پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى تۇرالغۇ بۇلتۇر 7 – ئايدا سېلىنىشقا باشلىغان، ئۆزۈم 13 مىڭ 600 يۈەنلا چىقاردىم، 11 – ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، ‹‹ئىلگىرى كۆمۈر قالىغاندا ئاۋارىچىلىك ھەم پاكىز ئەمەس ئىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ئۆيلىرىمىزگە يەر ئاستى پارى ئورناتقۇزۇپ بەردى، ئۆي ئىسسىق بولۇپلا قالماي، يەنە پاكىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭمۇ ئىسسىق قوتىنى بار بولدى، قىشتىن بۇيان بىرەرمۇ چارۋا مېلىمىز توڭلاپ قالمىدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق سەپلەپ، كۆپچىلىكنى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزاق تەرەققىياتتا كەسىپكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە يوسۇنى بويىچە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بەخت تىلەپ، ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىنى، بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېجىل – ئىناق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىشىنى تىلىدى.
كۈيتۈن شەھىرى ‹‹ئىتتىپاق يولى›› كوچا باشقارمىسى قاراغاش مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان 73 ياشلىق ئىشچى گو چىڭيۈەن ئۆيىگە بىر ئەزىز مېھماننىڭ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن گو چىڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى چېن شيۇلەن ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولدى.
جاڭ چۈنشيەن: پېنسىيە پۇلىنى ئالدىڭلارمۇ؟ تۇرمۇشىڭلار كاپالەتكە ئىگە بولدىمۇ؟ – دەپ سورىدى.
گو چىڭيۈەن بىلەن چېن شيۇلەن بەس – بەستە شۇجى جاڭ چۈنشيەنگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ: بۇلتۇردىن بۇيان، ئۇدا كۆپ قېتىم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تارقاتقان پېنسىيە پۇلى، ئىسسىنىش ياردەم پۇلىنى ئالدۇق، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەكمۇ رازى؛ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى مول ئۆتىۋاتىدۇ، باغچىغا كىرسەك، ئاپتوبۇسقا چىقساق ھەقسىز، كۆپچىلىك ھەر كۈنى مەيدان، مەدەنىيەت سارىيى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھۆسنخەت يېزىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كۈنلىرىمىزنى ناھايىتى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شەھەر قىياپىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز، خەلقنىڭ ئاددىي – ساددا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەنئەنە ۋە ياخشى ئىستىلنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياشلارنى تەربىيەلىشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، كۈنلىرىنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مەھەللىگە كېلىپ، چاغاننى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، مەھەللە قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. ‹‹جاڭ شۇجى ياخشىمۇ سىز! رەھمەت شۇجى!›› ھەر مىللەت ئامما جاڭ چۈنشيەننى ئورىۋېلىپ، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سوراپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىڭفۇ كەنتىدە ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى كۆردى، ماناس ناھىيەسىنىڭ باۋجيادەن بازىرى تاسىرقاي كەنتىدە كوچا ئويۇنىنى كۆردى، كۈيتۈن شەھەرلىك ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە چاغانلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ھەپتىلىكى نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، ئامما بىلەن بىللە چاغاننى تەبرىكلىدى.
جاڭ چۈنشيەن ‹‹غەربىي يۇرتتا باھار›› سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى، كۈيتۈن – مايتاغ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹12 – بەش يىل››لىق پىلانى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى، چاغان مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې يوقلاشتا بىللە بولدى.