
ياپونىيەنىڭ مىيازاكى كېن ۋە كاگوشما كېن ناھىيەلىرى تۇتاشقان جايدىكى كىرىشىما مانېۋىر مەيدانىدا ، مانېۋىرغا قاتناشقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەر ‹‹جەڭ›› دە يارىلانغان يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا
7–دېكابىر ، ياپونىيە قۇرۇقلۇق مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى كىرىشىما مانېۋىر مەيدانىدا قۇرۇقلۇق بىرلەشمە مەشقىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . بۇ قېتىملىق مەشىققە ياپونىيە قۇرۇقلۇق مۇھاپىزەت ئەترىتىدىن 550 ئەسكەر ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىدىن 230 ئەسكەر قاتناشتى.





