ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيەنىڭ ئوگاساۋارا تاقىم ئارىلىدا 7.4 بال يەر تەۋرىدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
   شىنخۇا تورى ، توكيو، 22–دېكابىر تېلېگراممىسى : ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى 22–دېكابىر، شۇ يەر ۋاقتى 22– دېكابىر سەھەر سائەت 2:20 (بېيجىڭ ۋاقتى 22–دېكابىر سەھەر سائەت 1:20) ئەتراپىدا ، ياپونىيەنىڭ ئوگاساۋارا تاقىم ئارىلىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز رايون
  

   شىنخۇا تورى ، توكيو، 22–دېكابىر تېلېگراممىسى : ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى 22–دېكابىر، شۇ يەر ۋاقتى 22– دېكابىر سەھەر سائەت 2:20 (بېيجىڭ ۋاقتى 22–دېكابىر سەھەر سائەت 1:20) ئەتراپىدا ، ياپونىيەنىڭ ئوگاساۋارا تاقىم ئارىلىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز رايونىدا 7.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتقان.

   بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 143.3 گىرادۇس ، شىمالىي كەڭلىك 27.5 گىرادۇسقا جايلاشقان ئوگاساۋارا تاقىم ئارىلىنىڭ دېڭىز رايونىدا بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ياپونىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك تەۋرەش سېزىلگەن.

   يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى تېزلىكتە دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتقان، ئېيتىلىشىچە ، يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىقىدىغان دېڭىز تاشقىنى ئوگاساۋارا تاقىم ئارىلىدا بىر مېتىردىن ئېگىز دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن . ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى يەنە ياپونىيە تاقىم ئاراللىرى، تىنچ ئوكيان بويىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە ‹‹ دېڭىز تاشقىنى ئەسكەرتىشى›› تارقاتقان ، ئېيتىلىشىچە ، بۇ جايلاردا 0.5 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

   بۈگۈن سەھەر سائەت 3:00 گىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ۋە مال–مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!