ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتىنى كۆپەيتىپ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتىنى نازارەت قىلماقچى

2010-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ياپونىيە مۇھاپىزەت ۋازارىتى ۋە قوغدىنىش ئەترىتىدىكى ئاخبارات خادىملىرىنىڭ10-ئاينىڭ20-كۈنى ئاشكارلىشىچە،قوغدىنىش ۋازارىتى دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سۇئاستى پاراخوتىنىڭ سانىنى نۆۋەتتىكى16دانىدىن22دانىغا كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.مۆلچەرلىنىشچە بۇ قارار 12-ئايد
  


ياپونىيە مۇھاپىزەت ۋازارىتى ۋە قوغدىنىش ئەترىتىدىكى ئاخبارات خادىملىرىنىڭ10-ئاينىڭ20-كۈنى ئاشكارلىشىچە،قوغدىنىش ۋازارىتى دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سۇئاستى پاراخوتىنىڭ سانىنى نۆۋەتتىكى16دانىدىن22دانىغا كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.مۆلچەرلىنىشچە بۇ قارار 12-ئايدا ئومۇلاشتۇرىلىدىغان«مۇھاپىزەت پىلانى پروگىراممىسى»غا كىرگۈزىلىدىكەن.بۇ ياپونىيەنىڭ1976-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم20دىن يۇقىرى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھاپىزەت پىلانى ئىكەن.
خوككايدۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھەسىدە، ھەتتا تىنىچ ئوكياندىكى پائالىيىتى بارغانسېرى جانلىنىۋاتقاچقا،ياپونىيە مۇھاپىزەت ۋازارىتى سۇ ئاستى پاراخوتىنى كۆپەيتىپ،شەرقىي دېڭىزنى ئاساس قىلغان نازارەتنى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىغان.
ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىككى سۇ ئاستى پاراخوت ئەترىتى بار.بىرىنچى ئەترەتنىڭ باش شىتابى خىروسىماغا تەسىس قىلىنغان،ئىككىنچى ئەترەتنىڭ باش شىتابى كاناگاۋا ناھىيىسىگە تەسىس قىلىنغان.بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئەترەتنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!