ئەنگىلىيە تېلگراف تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،10-ئاينىڭ24-كۈنى گانادىن كەلگەن54ياشلىق دوختۇر پېتىر بوسمان(Peter Bossman) سلوۋېنىيە پىران(Piran)شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان،ئۇ شەرقىي ياۋروپادىكى تۇنجى قارا تەنلىك شەھەر باشلىقى بولۇپ قالغان.
پېتىر بوسمان ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلام ئارقىلىق رەقىبىنى يېڭىپ،مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل دېڭىز قىرغىقى شەھىرنىڭ باشلىقى بولغان.
پېتىر بوسمان:«مېنىڭ غەلبەم سىلوۋېنىيەدېموكراتىيىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ»دېگەن.ئۇ سىلوۋېنىيەگە گاناغا33يىل بۇرۇن كېلىپ تىبابەت ئۆگەنگەن.ئۇ ئەسلىدە ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ گاناغا قايتماقچى بولغان،كېيىن قارارىنى ئۆزگەرتىپ،كرودىيەلىك ساۋاقدىشى بىلەن توي قىلىپ قېلىپ قالغان ھەمدە شۇ يەردە دوختۇرلۇق قىلغان.
ئۇ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى.ئۇ:«مەن سىلوۋېنىيەنى سۆيىمەن،سلوۋېنىيە مېنىڭ ئۆيۈم،مېنىڭ سىلوۋېنىيەگە بولغان تۇنجى تەسىراتىممۇ ياخشى،سلوۋېنىيە پاكىز ھەم چىرايلىق»دېدى.
مەنبە:جاھان تورى