246 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ، 70 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ئېكىسكۇرسىيەچى ئورتاق تەنتەنە قىلغان كاتتا يىغىلىش ـــــ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. كىشىلەر خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى قانچىلىغان كۈلۈمسىرىگەن يۈزلەر، تەسىرلىنىشتىن ئاققان تارام - تارام كۆز ياشلارنى ئەسلىمەكتە. تۆۋەندىكى ئون پارچە سۈرەت 2010–يىللىق ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسى ئەسلىمىلىرى›› نىڭ بىر قىسمى. بۇلار دۇنيا يەرمەنكىسى تارىخىدا، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالغۇسى:

30–ئاپرېل، جۇڭگو 2010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوينالدى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىدىن كەلگەن ئىككى بالا سەھنىگە چىقتى








