
دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە ، يەرمەنكىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئېگىز چوققا مۇنبىرى بىلەن يېپىلىش مۇراسىمى ئارقا–ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ دۇنيا يەرمەنكىسى ئېگىز چوققا مۇنبىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 31–ئۆكتەبىر ، شاڭخەينىڭ دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مۇھىم ئەسەر—‹‹شاڭخەي خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنىدىكەن، يېپىلىش مۇراسىمى ئىنتايىن داغدۇغىلىق بولىدىكەن ، لېكىن چوڭ تىپتىكى ساليوت ئېتىش نومۇرى ئورۇندالمايدىكەن .
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ خاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 31–ئۆكتەبىر شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك تىجارەت ۋاقتى ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ‹‹شەھەر ئىجادىيلىقى ۋە سىجىل تەرەققىيات ›› ئېگىز چوققا مۇنبىرى دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە ، 21 دۆلەت ۋە رايوندىكى 60 نەچچە ئەزىز مېھماننىڭ نۇتۇق سۆزلەپ مۇھاكىمىگە قاتنىشىشى بېكىتىلدى . مۇنبەرگە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ، چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ، مۇتەخەسسىس–ئالىملار ، كارخانىچىلار ، ئاياللار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 غا يېقىن ئادەم قاتنىشىدۇ. ئۇچۇر سانائىتى، بىلىم ئىجادىيلىقى، يېشىل تەرەققىيات ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى قاتارلىق يەتتە مەيدان مۇنبەر شۇ چاغدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ .
دۇنيا يەرمەنكىسى ئېگىز چوققا مۇنبىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن قارىغاندا ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ 31–ئۆكتەبىر كەچتىكى يېپىلىش مۇراسىمى سائەت 20:10 دىن 21:10 غىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، شۇ چاغدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇنبەرگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلىرى كەچ سائەت 19:00 دىن باشلاپ باغچا رايونىنىڭ خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيەت مەركىزىگە بېرىپ ، يېپىلىش مۇراسىمىنى كۆرىدىكەن . دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ خاۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بىر سائەتلىك يېپىلىش مۇراسىمىدا، دۇنيا يەرمەنكىسى بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ ، كېيىنكى نۆۋەتلىك ئىتالىيە مىلان دۇنيا يەرمەنكىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇرسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، نەق مەيداندا بىر قىسىم ناخشا–ئۇسسۇل قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى نومۇرلار ئورۇندىلىدىكەن . يېپىلىش مۇراسىمى ئىخچامراق بولۇپ ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكىدەك چوڭ تىپتىكى ساليوت نومۇرلىرى ئورۇندالمايدىكەن ، لېكىن چوقۇم ئىنتايىن ئۆزگىچە بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئېگىز چوققا مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەزگىلدە، دۇنيا يەرمەنكىسى ‹‹شاڭخەي خىتابنامىسى›› ۋە ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسى ياشلار تەشەببۇسنامىسى›› رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹شاڭخەي خىتابنامىسى›› شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى نەتىجىلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە پۈتۈن يەرشارىدىكى شەھەرلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات مەسىلسىدىكى ئورتاق تونۇشلىرى ئاساسىدىكى بىر مۇھىم ئەسەر بولۇپ، ئارزۇ - تىلەك خاراكتېرىدىكى بىر پارچە خىتابنامە ھېسابلىنىدىكەن.