نىپال پاتاندا، ھەرقانداق ئوغۇل بالا بۇتخانىدا كۈتۈلۈشتىن باشقا، يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان مەزگىلىدە، بىر قېتىم تەرەت ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، يېشى مۇۇۋاپىق كەلگەن كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتخانىغا يىغىلىپ، ئالدى بىلەن پۇتى بىلەن تاش تۈگمەننى، جىنايەت ۋە ئازاپقا ۋەكىللىك قىلىنغان قارا كۈنجۈتنى دەسسەيدۇ، ئاندىن چېچىنى چۈشۈرۈپ، رەت بىلەن كوچىغا چىقىدۇ، بۇ خىل كۆرۈنۈش ھەم داغدۇغىلىق ھەم قالايمىقان بولىدۇ.
11-ئايدىكى سوغاق ھاۋادىمۇ، بۇ كىچىك بالا كىيىملىرىنى سېلىپ، سوغاق سۇدا بېشىنى يۇيۇپ، كۈمۈش رەڭلىك كىيىم كېيىۋالغان كىچىك ئاپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ چېچىنى چۈشەرتكۈزىۋاتىدۇ، بۇ خىل چاچ چۈشۈرۈشنى بەك ئاسان دەپ قالماڭ، بۇنىڭدا چېچىنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرمەستىن، بېشىنىڭ چوققىسىدىكى مەركىزىي قىسمىغا بىر تۇتام چاچ قۇيۇپ چۈشۈرىدۇ.
ئاخىرىدا كىچىك بالا ئۆيىدە تۇرۇپ ئۈچ كۈن ئادەتتىكى تاماق بىلەن غىزالىنىپ، تۆتىنچى كۈنى راھىبلار كىيىمىنى كىيىپ، كوچىغا چىقىپ سەدىقە تىلەيدۇ،بىر كۈن سەدىقە تىلىگەندىن كېيىن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ.