
نەنتۇڭ شەھىرىدىكى مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا ، ‹‹يېشىل كېمە››ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا قىزىل يىپەك لېنتىنى تاقاپ قويماقتا
1–دېكابىر ، 23–نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى . 28–نويابىر ، نەنتۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەنتۇڭ شەھەرلىك سەھىيە ، ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ‹‹يېشىل كېمە›› ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغىچە يەتكۈزگەن . ‹‹ يېشىل كېمە ›› ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ 40 دىن ئارتۇق ئەزاسى شەھەر ئىچىدىكى كۆپلىگەن قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ ، ئىشچىلار ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان .