ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شىئەندىكى بىر قۇرۇلۇش رايونىدا ۋەقە يۈز بېرىپ 8 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:hawarqi.com تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
3-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈمەكتە. 2-ئۆكتەبىر چۈشتە، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى چاڭئەن ريونىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىر تۆت قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ۋەقەدە 8 ئادەم قازا قىل
  




3-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈمەكتە.

2-ئۆكتەبىر چۈشتە، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى چاڭئەن ريونىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىر تۆت قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ۋەقەدە 8 ئادەم قازا قىلدى، 3 ئادەم يارلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئولى شىئەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن كاتىپى جاڭ مىۋېينىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەھەرلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى ھەركەتكە كېلىپ، نەق  مەيداندا خەۋىپتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابى تۇرغۇزۇپ، ج خ ئىدارىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، داۋالاش ئەترىتى قاتارلىق تارماقلاردىكى 300 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن خەۋىپتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى نەق مەيداندا بېسىلىپ قالغانلارنى جىددىي قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خىزمىتى 3:30 دا ئاخىرلاشتى، ۋەقەدە 8 ئادەم قازا قىلغان، 3 ئادەم يارلانغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!