شىنخۇا تورى ، ئىسلامئاباد 7–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى بىر ئىبادەتخانىدا 7–ئۆكتەبىر كەچ ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلىپ ، 70 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان .
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ پارتلىتىش ۋەقەسى شۇ كۈنى سائەت 19 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، 1–قېتىملىق پارتلاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە يۈز بەرگەن ، 2–قېتىملىق پارتلاش ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ ، شۇ چاغدا ئىبادەتخانىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانىكەن .
نەق مەيداننى كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ، نەق مەيدان ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ ، پارتلاشتا ئامما بەك ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكتىن دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە تۆت ئادەم دەسسىلىشتىن قازا قىلغان ئىكەن .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قامال قىلىپ ، ئاممىنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ، كاراچىدىكى بارلىق ئىبادەتخانىنى تاقىتىۋەتكەن .
نۆۋەتتە ، ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان . پاركىستان زۇڭتۇڭى زەردارى ۋە زۇڭلى جىلانى شۇ كۈنى كەچ ئايرىم–ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ ، تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن .