ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋ تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
8–ئۆكتەبىر ، تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى    شىنخۇا تورى ، ئەنقەرە، 8–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8–ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە تۈركى
  

8–ئۆكتەبىر ، تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

   شىنخۇا تورى ، ئەنقەرە، 8–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8–ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى تەرەپ جۇڭگو–تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇزاق باردى–كەلدى تارىخى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار . يېڭىدىن گۈللەنگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىككى دۆلەت سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جۇڭگو–تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى شۇنداقلا ، تېخىمۇ ئادىل ، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە . زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

   1. سىياسىي سۆھبەتنى كۈچەيتىش كېرەك.

   2. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك .

   3. ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك .

   4. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك .

   5. خەلقئارالىق ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك .

   ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىككى دۆلەت ئۇزاق تارىخقا ۋە دوستلۇققا ئىگە . تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر باردى– كەلدىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىپ ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئورتاق قوغداشنى ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە ، ئېنېرگىيە ، مەدەنىيەت ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ؛ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

   سۆھبەتتىن بۇرۇن ، ئەردوغان زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

   سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

   شۇ كۈنى ، زۇڭلى ۋېن جياباۋ يەنە تۈركىيە خەلق پارلامېنتى ‹‹تۈركىيە–جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسى›› نىڭ رەئىسى ئارسلان ۋە گۇرۇپپىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلار بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!